سۈرە 17 · پارە 15

سورة الإسراء · 17:7

إِنْ أَحْسَنْتُمْ أَحْسَنْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ ۖ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا ۚ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ لِيَسُوءُوا وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا الْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا مَا عَلَوْا تَتْبِيرًا

(ئى ئسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىپ (ئۇنى خاراب قىلىشى) ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق)

تەپسىر

ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر ئەمەللىرىڭلارنى ياخشىلاپ، تەلەپكە لايىق ئىش قىلساڭلار، چوقۇم بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئۆزۈڭلار ئېرىشىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. ناۋادا يامان ئىش قىلساڭلار، بۇنىڭ ۋابالىنىمۇ ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر. چۈنكى سىلەرنىڭ ياخشى ئىشىڭلارنىڭ ئاللاھقا پايدىسى بولمايدۇ، يامانلىقىڭلارنىڭ زىيىنىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزۇقچىلىق يۈز بەرگەندە بىز سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلارنى يەنە ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى خورلايتتى، سىلەرگە تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقانلىقى ئۈچۈن يۈزلىرىڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەسكە تۇنجى قېتىم قانداق كىرىپ، ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلاتتى، شەھەرلەرنى قانداق ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق ۋەيران قىلاتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ