سۈرە 16 · پارە 14

سورة النحل · 16:2

يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ أَنْ أَنْذِرُوا أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاتَّقُونِ

اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە پەرىشتىلەرنى ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار»

تەپسىر

ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىگە قىلغان ھۆكۈملىرىنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى! مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئى ئىنسانلار! مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن مەندىن قورقۇڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ