سۈرە 16 · پارە 14
سورة النحل · 16:116
وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَٰذَا حَلَالٌ وَهَٰذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ
تەپسىر
ئى مۇشرىكلار! سىلەر تىللىرىڭلار بىلەن ئاللاھقا يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن: بۇ ھالال، بۇ ھارام دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇش مەقسىتىدە ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، ھالال قىلمىغان نەرسىلەرنى ھالال قىلدى دېمەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىلار تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىسىدىن قۇتۇلۇش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ