سۈرە 14 · پارە 13
سورة إبراهيم · 14:6
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنْجَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. اﷲ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بەنىي ئىسرائىلدىن ئىبارەت قەۋمىگە ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىپ: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئەينى چاغدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن ساقلاپ قالدى. ئۇلار سىلەرنى شۇنداق قاتتىق قىينايتتىكى، ئاراڭلاردا مۇسانىڭ سەلتەنىتىنى تارتىۋالىدىغان بىرەر بالا تۇغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتلىرىڭلارنى بوغۇزلىۋېتەتتى. خىزمىتىگە سېلىپ، خورلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قالدۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا سىلەر ئۈچۈن سەۋرچانلىق ئۈستىدىكى كاتتا سىناق بار ئىدى. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق خاپىلىقلارغا سەۋر قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پىرئەۋن تەۋەلىكىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ