سۈرە 14 · پارە 13
سورة إبراهيم · 14:52
هَٰذَا بَلَاغٌ لِلنَّاسِ وَلِيُنْذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى)
تەپسىر
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا قىلىنغان جاكار بولۇپ، بۇ قۇرئان ئۇلارنى ئۇنىڭدىكى تەھدىد ۋە قاتتىق ئازابلاردىن قورقۇشلىرى ئۈچۈن، قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق زاتنىڭ يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلماسلىقلىرى ئۈچۈن، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلىنغاندۇر. چۈنكى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى پەند - نەسىھەتلەردىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ