سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:44

وَأَنْذِرِ النَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ الْعَذَابُ فَيَقُولُ الَّذِينَ ظَلَمُوا رَبَّنَا أَخِّرْنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ الرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوا أَقْسَمْتُمْ مِنْ قَبْلُ مَا لَكُمْ مِنْ زَوَالٍ

(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى (يەنى كۇففارلارنى) ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ)

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭنى قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىنكى، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇق قىلغانلار ئۇ چاغدا: ئەي رەببىمىز! بىزگە مۆھلەت بەرگىن، بىزدىن ئازابنى كېچىكتۈرگىن، بىزنى دۇنياغا ئازراق ۋاقىت قايتۇرغىن، ساڭا ئىمان ئېيتىۋالايلى، بىزگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئەگىشەيلى، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا كايىغان تەرزدە: سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ دۇنيادىن ئاخىرەتكە بارمايدىغانلىقىڭلار ھەققىدە قەسەم قىلمىغانمىدىڭلار؟ دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ