سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:8
اللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنْثَىٰ وَمَا تَغِيضُ الْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ ۖ وَكُلُّ شَيْءٍ عِنْدَهُ بِمِقْدَارٍ
ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى اﷲ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ - قىزمۇ، بىرمۇ - كۆپمۇ، چوڭمۇ - كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ - سەتمۇ، بەختلىكمۇ - بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ - قىسقىمۇ - ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (اﷲ) بىلىدۇ. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر
تەپسىر
ئاللاھ ھەر بىر ھامىلدارنىڭ قورسىقىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بالىياتقۇلاردا بولىدىغان كېمىيىش، كېڭىيىش، ساقلىق ۋە كېسەللىكلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر نەرسىگە مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېشىپمۇ كەتمەيدۇ، كېمىيىپمۇ كەتمەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ