سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:5
۞ وَإِنْ تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَإِذَا كُنَّا تُرَابًا أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىرەر نەرسىدىن ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن ھەمدە «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىمىزدىن چىقىرىلىپ، تىرىك ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟ دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارىغا باھانە قىلغانلىرىدىن ئەجەبلەنسەڭ بولىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى. قىيامەت كۈنى ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئوتتىن زەنجىرلەر سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ مەھكۇملىرى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوق بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ