سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:33

أَفَمَنْ هُوَ قَائِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۗ وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ قُلْ سَمُّوهُمْ ۚ أَمْ تُنَبِّئُونَهُ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي الْأَرْضِ أَمْ بِظَاهِرٍ مِنَ الْقَوْلِ ۗ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا عَنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ

ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى اﷲ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى اﷲ قا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: «ئۇلارغا بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە اﷲ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى اﷲ قا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

تەپسىر

بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ رىزقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ھەر كىمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان زات قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىقراقمۇ ياكى قۇلچىلىق قىلىنىشقا قىلچە سالاھىيىتى يوق مۇشۇ بۇتلار لايىقمۇ؟ ھالبۇكى كاپىرلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ۋە ئاللاھقا بوھتان قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ بىلەن قوشۇپ چوقۇنغان شېرىكلىرىڭلارنى بىزگە دەپ بېقىڭلار ياكى سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان شېرىكلىرىڭلار بار دېمەكچىمۇ؟ ياكى چىنلىقى يوق قۇرۇق گەپنى دەۋاتامسىلەر؟ شەيتان كاپىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولدى ھەمدە ئاللاھمۇ ئۇلارنى توغرا يولدىن ۋە ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ كىمنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ