سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:26
اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ وَفَرِحُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فِي الْآخِرَةِ إِلَّا مَتَاعٌ
اﷲ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئازغىنا نەرسىدۇر
تەپسىر
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. بىراۋنىڭ رىزقىنىڭ كەڭرى قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ سائادەتمەنلىكىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەس، رىزقىنىڭ تار بولغانلىقىمۇ ئۇنىڭ بەدبەخت بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. كاپىرلار ھاياتىي دۇنيادىن خۇشال بولۇشۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلى ئارام تاپتى. ھاياتىي دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ