سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:22
وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (اﷲ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى بىلمەستىن يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) - ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
تەپسىر
ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان، ئاللاھ تەقدىر قىلغان بارچە خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارغا سەۋرچان كىشىلەردۇركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنى بەرگەندىن سىرت، رىيادىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالەتتە نەپلە سەدىقىلەرنىمۇ بېرىدۇ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئاشكارىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى مەدھىيەگە لايىق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ