سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:14

لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ ۚ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ

ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا اﷲ قا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى اﷲ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس - تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر

تەپسىر

تەۋھىد چاقىرىقى پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاللاھقا ھېچكىم شېرىك بولالمايدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچبىر ئىشتا ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۇلارغا دۇئا قىلغانلىقى پەقەت ئېغىزىمغا سۇ كىرسە ئىچسەم، دەپ يىراقتىن قولىنى سۇغا ئۇزىتىپ تۇرغان ئۇسسىز كىشىگە ئوخشايدۇكى، ئەمەلىيەتتە سۇ ئۇنىڭ ئېغىزىغا يەتمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ بۇتلىرىغا قىلغان دۇئالىرىمۇ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ۋە توغرىدىن يىراقلاپ كېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۇ بۇتلار ئۇلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ