سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:88

فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ

ئۇلار يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، اﷲ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى

تەپسىر

ئۇلار دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: بىز نامراتلىشىپ ئېغىر كۈنگە قالدۇق، شۇڭا تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ماتالار بىلەن كەپقالدۇق. شۇنداقتىمۇ بىزگە ئىلگىرى ئاشلىق بەرگىنىڭىزدەك يەنە تولۇق ئاشلىق بېرىشىڭىزنى، ئۇنىڭغا قوشۇپ سەدىقە قىلىشىڭىزنى ياكى ھېچبولمىسا ماتالىرىمىزنىڭ ناچارلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشىڭىزنى سورايمىز. شەكسىزكى ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ