سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:83
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى اﷲ تىن تىلەيمەن. اﷲ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
تەپسىر
ئۇلارغا دادىسى مۇنداق دېدى: ھەقىقىي ئەھۋال سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭ ئاكىسى يۇسۇفكە ئورا كولىغىنىڭلاردەك بۇنىڭغىمۇ ئورا كولاشنى نەپسىڭلار سىلەرگە پەردازلاپ كۆرسەتكەن گەپ. شۇڭا مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ھەمدە بۇ ھەقتە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە دەرت تۆكمەيمەن. چوقۇمكى ئاللاھ ماڭا يۇسۇفنى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇكىسى ۋە ئاكىسىنى بىراقلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شەكسىزكى ئۇ مېنىڭ ھالىمنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، مېنىڭ ئىشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ