سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:80
فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۇسۇفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۇسۇف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى اﷲ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن باشقىلاردىن چەترەك بىر يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى: مەن سىلەرگە دادىمىزنىڭ قوغداشقا كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىساڭلارلا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغانلىقىنى ئەسلىتىمەن. بۇندىن بۇرۇن يۇسۇفنىڭ ئىشىدىمۇ خاتالىق سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە داداڭلارغا بەرگەن ۋەدەڭلاردا تۇرمىغان ئىدىڭلار. شۇڭا مەن تاكى دادام يېنىغا قايتىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلغانغا قەدەر ياكى ئاللاھ تائالا ماڭا قېرىندىشىمنى ئېلىپ كېتىشنى مۇيەسسەر قىلغانغا قەدەر مىسىردىن ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇركى، ئۇ ھەق ۋە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ