سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:70
فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ
يۇسۇف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى.
تەپسىر
يۇسۇف قول ئاستىدىكىلەرنى قېرىنداشلىرىنىڭ تۆگىلىرىگە ئاشلىق يۈكلەپ بېرىشكە بۇيرۇغان ۋاقىتتا ئۇكىسى بۇنيامىننى يېنىدا ئېلىپ قېلىشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىغا تۇيدۇرماستىن پادىشاھنىڭ ھاجەتمەنلەرگە ئاشلىق ئۆلچەپ بېرىدىغان قاچىسىنى بۇنيامىننىڭ تاغىرىغا تىقىپ قويدى. يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا كەينىدىن بىر جاكارچى قوغلاپ كېلىپ: ئەي ئاشلىق يۈكلەپ ماڭغان تۆگىچىلەر! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر، دەپ ۋارقىرىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ