سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:59
وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
يۇسۇف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
تەپسىر
يۇسۇف ئۇلارغا تەلەپ قىلغان ئاش - ئوزۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەنە قانداش بىر تۇغقىنىدىنمۇ بىرى بارلىقىنى، ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا ئۇلارغا: (كېلەر قېتىم) قانداش بىر تۇغقىنىڭلارنىمۇ ئالغاچ كېلىڭلار، ئۇنىڭغىمۇ ئاشلىق يۈكلەپ بېرەي. ئۆزۈڭلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن ئۆلچەمنى تولۇق قىلىمەن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قىسىۋالمايمەن ھەمدە مېھمانلارنى ئەڭ ياخشى كۈتىمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ