سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:53
۞ وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
«مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»
تەپسىر
ئەزىزنىڭ ئايالى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مەن پەقەت يامانلىقنى ئويلىمىدىم دېيەلمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى بۇنداق دەپ ئاقلاش نىيىتىممۇ يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تولىمۇ ھەۋەسكار، ئۇنىڭ ھەۋىسىنى تىزگىنلەش قىيىن بولغاچقا ئىنساننى يامانلىققا كۆپ بۇيرۇيدۇ. لېكىن ئاللاھ رەھىم قىلغان ھەمدە ئىنساننى يامانلىققا بۇيرۇشتىن ساقلاپ قالغان كۆڭۈللەر بۇنىڭ سىرتىدا. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ