سۈرە 12 · پارە 12

سورة يوسف · 12:40

مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، اﷲ (ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اﷲ غىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار پەقەت قۇرۇق ناملاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنى سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئىلاھ دەپ ئاتىۋالدىڭلار، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىلاھ بولۇشقا قىلچە سالاھىيىتى يوق، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىلاھ دەپ ئاتىۋېلىشىڭلارنىڭ توغرىلىقىغا ئاللاھ تائالا بىرەر پاكىت چۈشۈرگىنىمۇ يوق. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، ئۆزۈڭلار ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملارغا ئەمەس. ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىشىڭلارنى چەكلىدى. مانا بۇ تەۋھىد بىردىنبىر توغرا دىندۇر. ئۇنىڭدا قەتئىي ئەگرىلىك يوق، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مەخلۇقاتلىرىغا چوقۇنىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ