سۈرە 12 · پارە 12

سورة يوسف · 12:36

وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ

زىندانغا يۇسۇف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى

تەپسىر

شۇنداق قىلىىپ ئۇلار يۇسۇفنى زىندانغا تاشلىدى، باشقا ئىككى ياشمۇ يۇسۇف بىلەن بىرگە زىندانغا تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى يۇسۇفكە: مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە ھاراق ئۈچۈن ئۈزۈم سىقىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، دېدى. يەنە بىرى: مەن چۈشۈمدە بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەكمەن، قۇشلار ئۇ ناندىن يەۋاتقۇدەك. ئەي يۇسۇف! بىزگە چۈشىمىزدە كۆرگەنلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەقىقەتەن سېنى ئېھسان قىلغۇچىلاردىن دەپ ئويلايمىز، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ