سۈرە 12 · پارە 12
سورة يوسف · 12:25
وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۇسۇف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى
تەپسىر
ھەر ئىككىلىسى ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى، يۇسۇف ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ، ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا ئۇنى توسۇپ قېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى تارتىۋېدى، كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككىسى ئىشىك ئالدىدا ئەزىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئەزىزنىڭ ئايالى ئەزىزگە مۇغەمبەرلىك بىلەن: ئەي ئەزىز! ئايالىڭنىڭ ئىپپىتىنى ئاياق ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق جازالاش بولۇشى كېرەك، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ