سۈرە 12 · پارە 12
سورة يوسف · 12:23
وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۇسۇف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ (يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى
تەپسىر
مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى يۇسۇفكە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ۋە ھىيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تېخىمۇ خالى بولۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: قېنى كەل، دېدى. يۇسۇف: سەن مېنى چاقىرغان ئىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن. خوجايىنىم ماڭا تولىمۇ ياخشىلىق قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەرگىز خىيانەت قىلمايمەن، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلسام ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغان بولىمەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ نىجات تاپالمايدۇ، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ