سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:109
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەرىشتىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ساڭا ۋەھىي قىلغىنىمىزدەك ئۇلارغىمۇ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار چۆل، سەھرادىن ئەمەس، بەلكى شەھەرلەردىن ئىدى. ئۈممەتلىرى ئۇلارنى ئىنكار قىلىۋېدى، ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. سېنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئىنكارچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟ ئاخىرەتتىكى نازۇ-نېئمەتلەر ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكىدىن كۆپ ياخشىدۇر. سىلەر بۇنىڭ ھەممىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىمان بولغان بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئەڭ چوڭى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولغان چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ