سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:100

وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

ئاتا - ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۇسۇفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى ئۆز تەختىدە ئولتۇرغۇزدى، ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون بىر كىشى يۇسۇفكە سەجدە قىلىش ئارقىلىق سالام قىلدى. بۇ قۇلچىلىق سەجدىسى ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت سەجدىسى بولۇپ، بۇ سەجدە يۇسۇف چۈشىدە كۆرگەندەك ئاللاھنىڭ ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇسۇف دادىسىغا: سىلەرنىڭ ماڭا سەجدە قىلىش ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈڭلار مەن ئىلگىرى كۆرگەن ھەمدە سىزگە ئېيتىپ بەرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ مېنى زىنداندىن چىقىرىپ، شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋەتكەندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن يېنىمغا كەلتۈرۈپ ماڭا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلىدى. شەكسىزكى رەببىم ئۆزى خالىغان ئىشنى ئىنچىكە پىلانلىغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، پىلانىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ