سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:88

قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَرَزَقَنِي مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ ۚ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا الْإِصْلَاحَ مَا اسْتَطَعْتُ ۚ وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ

شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنى خالايمەن، مەن پەقەت اﷲ نىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) اﷲ قا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن

تەپسىر

شۇئەيب قەۋمىگە مۇنداق دېدى: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىل - پاكىت ئۈستىدە تۇرسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھالال رىزىق ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن يەنە شۇنداق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟). مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن توسۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزۈم ھەرگىز قىلمايمەن. مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت قولۇمدىن كېلىشىچە پەرۋەردىگارىڭلارنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. مېنىڭ بۇنى قىلالىشىم پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. مەن بارچە ئىشلىرىمىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ