سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:84
۞ وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ وَلَا تَنْقُصُوا الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ ۚ إِنِّي أَرَاكُمْ بِخَيْرٍ وَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُحِيطٍ
مەديەن (ئەھلى) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن
تەپسىر
بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇد يوق. باشقىلارغا كەمچىلەپ ۋە تارتىپ بەرگىنىڭلاردا جىڭ، تارازىنى كەم قىلماڭلار. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ باي- باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى ھېچكىم ئايرىلىپ قالمايدىغان كۈننىڭ ئازابى كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇ كۈندە سىلەر ئازابتىن قېچىپ، مۆكۈۋالىدىغان ھېچقانداق جاي تاپالمايسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ