سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:78

وَجَاءَهُ قَوْمُهُ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِنْ قَبْلُ كَانُوا يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ ۚ قَالَ يَا قَوْمِ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ فِي ضَيْفِي ۖ أَلَيْسَ مِنْكُمْ رَجُلٌ رَشِيدٌ

لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، اﷲ تىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئۈستىدە مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»

تەپسىر

لۇت قەۋمى ئۇنىڭ مېھمانلىرى بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئالدىراپ-سالدىراپ كېلىشتى. بۇرۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر ئارقىلىق شەھۋەتلىرىنى قاندۇرىدىغان مۇشۇنداق ناچار ئادىتى بار ئىدى. لۇت قەۋمىنى جىنايەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېھمانلىرى ئالدىدا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى قىلىشىنى ئېيتىپ: ئۆزۈڭلارنىڭ قىز-ئاياللىرىدىن چىققان بۇ قىزلىرىمنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ناچار ئىشلارنى قىلغاندىن ھالالدۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى نومۇسقا قويماڭلار. ئەي قەۋمىم! ئاراڭلاردا بۇ قەبىھ قىلمىشتىن توسىدىغان ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟ دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ