سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:63
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي مِنْهُ رَحْمَةً فَمَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ عَصَيْتُهُ ۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيْرَ تَخْسِيرٍ
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق اﷲ قا قارشىلىق قىلسام، اﷲ نىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر
تەپسىر
سالىھ قەۋمىگە جاۋابەن: ئەي قەۋمىم! قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانسام، ئۇ ماڭا پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت رەھمىتىنى ئاتا قىلغان بولسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ سىلەر مېنى ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيسىلەر، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ