سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:44
وَقِيلَ يَا أَرْضُ ابْلَعِي مَاءَكِ وَيَا سَمَاءُ أَقْلِعِي وَغِيضَ الْمَاءُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ وَاسْتَوَتْ عَلَى الْجُودِيِّ ۖ وَقِيلَ بُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
«ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، اﷲ نىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى
تەپسىر
ئاللاھ تۇپان بالاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زېمىنغا: ئى زېمىن، سۈيۈڭنى يۇتقىن، دېدى. ئاسمانغىمۇ: ئى ئاسمان، ئەمدى توختا، يامغۇر ياغدۇرما، دەپ بۇيرۇق قىلدى. سۇ بىردىنلا كېمىيىپ، يەر يۈزى قۇرىدى، ئاللاھ كاپىرلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، كېمە جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۇنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن ۋە ھالاك بوپكەتسۇن، دېيىلدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ