سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:38

وَيَصْنَعُ الْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِنْ قَوْمِهِ سَخِرُوا مِنْهُ ۚ قَالَ إِنْ تَسْخَرُوا مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنْكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ

نۇھ كېمە ياسىدى، قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز

تەپسىر

نۇھ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېمە ياساشقا كىرىشتى. قەۋمىنىڭ مۆتىۋەر كاتىباشلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە نە سۇ، نە دەريا يوق يەردە كېمە ياسىغانلىقىدىن ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى. ئۇلار نۇھنى مەسخىرە قىلىۋەرگەچكە نۇھ ئۇلارغا: ھەي خالايىق! سىلەر ھازىر بىزنى كېمە ياسىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ چوقۇم سىلەرنى ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ غەرق بوپكېتىشىڭلارنى بىلمىگىنىڭلار ئۈچۈن مەسخىرە قىلىمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ