سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:31
وَلَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلَا أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَنْ يُؤْتِيَهُمُ اللَّهُ خَيْرًا ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنْفُسِهِمْ ۖ إِنِّي إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مەن سىلەرگە، مەندە اﷲ نىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى اﷲ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»
تەپسىر
ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە: قولۇمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئۇنى سىلەرگە بېرىمەن، دېمەيمەن. غەيىبنى بىلىمەنمۇ دېمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى پەرىشتىمۇ دېمەيمەن. ئەكسىچە مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان. سىلەر كۆزگە ئىلماي مەسخىرە قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھەرگىز تەۋپىق ۋە ھىدايەت بەرمەيدۇ دەپمۇ ئېيتمايمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەھۋاللىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ناۋادا مەن بۇنداق دېسەم، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق زالىملاردىن بوپقالىمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ