سۈرە 11 · پارە 11

سورة هود · 11:3

وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ

سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، اﷲ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن

تەپسىر

ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تەلەپ قىلىڭلار، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىڭلارغا پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتى دۇنيادىن ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەمەل ۋە ئىبادەت قىلغان ھەر قانداق كىشىگە ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ. ئەگەر سىلەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن قورقۇتىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ