سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:28

قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِنْ عِنْدِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنْتُمْ لَهَا كَارِهُونَ

نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟

تەپسىر

نۇھ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم، قېنى دەپ بېقىڭلار! ئەگەر مەن راست پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان، سىلەرنىڭ ماڭا ئىشىنىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدىغان، پەرۋەردىگارىم تەرەپتىن كەلگەن دەلىل-پاكىتقا ئاساسلانغان بولسام، پەرۋەردىگارىم ماڭا ئۆز دەرگاھىدىن رەھمەتنى، يەنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى بەرسە، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى بىلەلمىسەڭلار، بىز سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، ئىماننى قەلبىڭلارغا مەجبۇرىي كىرگۈزەلەمدۇق؟ ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدىغىنى پەقەت ئاللاھ تائالادۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ