سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:12
فَلَعَلَّكَ تَارِكٌ بَعْضَ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَضَائِقٌ بِهِ صَدْرُكَ أَنْ يَقُولُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ كَنْزٌ أَوْ جَاءَ مَعَهُ مَلَكٌ ۚ إِنَّمَا أَنْتَ نَذِيرٌ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسىمەن، اﷲ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشرىكلارنىڭ كۇپرىلىقى، سەركەشلىكى ۋە مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلىشىغا كۆپ ئۇچرىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ئەمەل قىلىش ئېغىر كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزگۈڭ كەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ: نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۇنى باي قىلىۋېتىدىغان بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە راست پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى، دېمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزگەنلىكىڭدىن سىقىلىش ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنى دەپ ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ چالا قويمىغىن. سەن پەقەت ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغانلىكى مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىڭ يوق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى نازارەت قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ