سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:116
فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِنْ قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّنْ أَنْجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ وَاتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَا أُتْرِفُوا فِيهِ وَكَانُوا مُجْرِمِينَ
سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر
تەپسىر
سىلەردىن ئىلگىرى ئازابقا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدىغان پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەر مەيدانغا چىقمىدى. ئۇلاردىن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھالاك بولغانلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى زالىملارنى ھالاك قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولغان ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ