سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:110

وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَاخْتُلِفَ فِيهِ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ

شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمى بۇ كىتاب ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىن چىقارغان (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇش ھەققىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇشۇ دۇنيادىلا ياخشىغا ياخشىچە، يامانغا يامانچە) چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) زور گۇماندىدۇر

تەپسىر

شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، كىشىلەر تەۋراتقا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولدى، يەنى ئۇنىڭغا بىر قىسمى ئىمان ئېيتقان بولسا، يەنە بىر قىسمى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىراپ جازالىماسلىق، بەلكى مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلىدىن ئازابنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈش قارارى بولمىسا ئىدى، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا تېگىشلىك ئازاب چۈشكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى يەھۇدى ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلار قۇرئاندىن زور گۇماندىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ