سۈرە 11 · پارە 11

سورة هود · 11:1

الر ۚ كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ

ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر

تەپسىر

ئەلىف، لام، را. بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. قۇرئان ئايەتلىرى تۈزۈلىشى ۋە مەناسى تەرىپىدىن پۇختا كىتابتۇر. سەن بۇ كىتابتا ھېچقانداق يوچۇق ۋە نۇقساننى تاپالمايسەن. بۇ كىتابتا ھالال ۋە ھارام، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ناچار ئادەملەرگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىسسىلەر بايان قىلىنغان. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئەھكاملارنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەردىن خەۋەردار زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ