سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:68
قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ الْغَنِيُّ ۖ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنْ عِنْدَكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ بِهَٰذَا ۚ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، اﷲ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، اﷲ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ نىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن اﷲ قا چاپلامسىلەر؟
تەپسىر
بىر قىسىم مۇشرىكلار: ئاللاھ پەرىشتىلەرنى قىز ياراتتى، دېدى. ئاللاھ بۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن مۇقەددەستۇر. ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئى مۇشرىكلار! (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر ئىسپاتسىز، ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان، ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىشتىن ئىبارەت چوڭ يالغاننى ئاللاھقا چاپلامسىلەر!؟.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ