سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:27

وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

تەپسىر

كۇپرىلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئاخىرەتتە قىلغان يامانلىقىغا ئوخشاش جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارلىق قاپلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا تۈتۈننىڭ كۆپلىكىدىن قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلار دەۋزەخ ئەھلى بولۇپ، دەۋزەختە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ