سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:18
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى اﷲ نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى اﷲ بىلمەي قېلىپ، سىلەر اﷲ قا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر
تەپسىر
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاتالمىش ئىلاھلىرىغا چوقۇنىدۇ، ھەقىقى مەئبۇد خالىغان چاغدا پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇلار مەبۇدلىرى ھەققىدە: بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان ۋاستىچىلەر، ئاللاھ گۇناھلىرىمىز سەۋەبلىك بىزنى ئازابلىمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئىيتقىنكى: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ شېرىكى بارلىقىنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا بۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ مۇشرىكلار دەۋاتقان يالغان ۋە باتىلدىن پاكدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ