سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:15

وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ ۙ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَٰذَا أَوْ بَدِّلْهُ ۚ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۖ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ

ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن

تەپسىر

ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ئايەتلىرى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنسا، ساۋاب ئۈمىد قىلمايدىغان، ئازابتىن قورقمايدىغان قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار: ئى مۇھەممەد! بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى ئەيىپلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئاندىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ھاۋايى ھەۋىسىمىز بويىچە بۇ قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىن، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تېخىمۇ كەلتۈرەلمەيمەن، بەلكى ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆزگەرتىدۇ، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگىلا ئەگىشىمەن، ئەگەر مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا قوشۇلۇپ ئاللاھقا ئاسى بولسام، قيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن قورقىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ