سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:12

وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

ئىنسانغا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتسە، ياتسىدۇ، ئولتۇرسىدۇ، تۇرسىدۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى

تەپسىر

ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئىنسان بىرەر كېسەل ياكى ناچار ئەھۋالغا يولۇقسا، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىنسانغا ئازغۇنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش چىرايلىق كۆرستىلگىنىدەك كۇپرىلىقى بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرى ۋە كۇپرىلىقى چىرايلىق كۆرسىتىلىپ ئۇنى تەرك قىلمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ