سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:108

قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن قۇرئان نازىل بولدى، كىمكى ھىدايەت تېپىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تائەت ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغۇنلۇقنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ گۇناھ مەئسىيىتى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ساقلايدىغان ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەردىن ھېساب ئالىدىغان ھامىي ئەمەسمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ