سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:104

قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي شَكٍّ مِنْ دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان اﷲ قا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان دىنىم، تەۋھىد دىنىدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىڭ خاتالىقىغا مەنمۇ جەزم قىلىمەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىم مېنى ئۆزىنىڭ دىنىدا ئىخلاسمەن مۆئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ