سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:10
دَعْوَاهُمْ فِيهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ ۚ وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر - بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر
تەپسىر
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قىلىدىغان سالامى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: جىمى ھەمدۇسانا مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!، دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ