سورة القارعة

سۈرە 101 · مەككىي · 11 ئايەت

101:1پارە 30 · بەت 600

الْقَارِعَةُ1

قىيامەت،
101:2پارە 30 · بەت 600

مَا الْقَارِعَةُ2

قىيامەت نېمىدۇر
101:3پارە 30 · بەت 600

وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْقَارِعَةُ3

قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
101:4پارە 30 · بەت 600

يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ4

شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ
101:5پارە 30 · بەت 600

وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ5

تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ
101:6پارە 30 · بەت 600

فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ6

تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ
101:7پارە 30 · بەت 600

فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ7

تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ
101:8پارە 30 · بەت 600

وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ8

تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ
101:9پارە 30 · بەت 600

فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ9

تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ
101:10پارە 30 · بەت 600

وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ10

ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟
101:11پارە 30 · بەت 600

نَارٌ حَامِيَةٌ11

ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر

سۈرىنىڭ بېشىدىن قويۇش